ئالما قۇيمىقى
ئۇيغۇر تائاملىرى
ئالما تۆت دانە، تۇخۇم بىر دانە، ئۇن 75 گرام، شېكەر 50 گرام، تۇز بىر چىمدىم، سېرىقماي ياكى مارگىرىن يېرىم ئاش قوشۇقتىن 450 ~ 600 گرام، لىمون يېرىم تال، قىزىل ھاراق بىر رومكا، سۇ ياغ 300 گرام، سوقۇلغان شېكەر مۇۋاپىق مىقداردا.
ئالمىلارنىڭ شۆپۈكى سويۇلىدۇ، پارچىلىماي تۇرۇپ ئوتتۇرىسىدىكى ئۇرۇق قىسمى ئويۇپ چىقىرىۋېتىلىدۇ، يېرىم بارماق قېلىنلىقتا ھالقا شەكلىدە كېسىلىدۇ. ئالما تىلمىلىرىنىڭ قارىيىپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن، تىلىملارنىڭ يۈزىگە لىمون سۈرتۈلىدۇ.
2. بىر قاچىدا ئىككى ئاش قوشۇق شېكەر بىلەن قىزىل ھاراق ئارىلاشتۇرۇلۇپ، پەتنۇسقا تىزىلغان ئالمىلارنىڭ يۈزىگە سېپىلىدۇ. بۇ شەكىلدە سۆرۈن يەردە بىر سائەت قويۇپ تۇرۇلىدۇ.
3. تۇخۇم ۋە ئېشىپ قالغان شېكەر بىر چىمدىم تۇز بىلەن چېلىنىپ كۆپتۈرۈلىدۇ، يېرىم ئاش قوشۇق سېرىقماي تاۋىدا ئېرىتىلىپ، كۆپتۈرۈلگەن تۇخۇمغا قوشۇلىدۇ. ئارقىدىن ئۇننىڭ ھەممىسى ۋە كېرەكلىك مىقداردىكى سۈت ئاز - ئازدىن تۇخۇملۇق ئارىلاشمىنىڭ ئۈستىگە قۇيۇلىدۇ، داۋاملىق ئارىلاشتۇرۇلىدۇ.
4. بىر سائەت شېكەرلىك قىزىل ھاراق ئىچىدە تۇرغۇزۇلغان ئالما تىلىملىرى قىيام ھالىتىدىكى تۇخۇملۇق خېمىرغا پاتۇرۇلىدۇ. ھەر تەرىپى خېمىر بىلەن قاپلانغان ئالما تىلىملىرى قىزىق سۇياغدا قىزارتىلىدۇ. ياغدىن سۈزۈۋالغان ئالما تىلىملىرىنىڭ ياغلىرى ئوبدان ساقىتىۋېتىلىپ، تەخسىگە ئېلىنىدۇ. يۈزىگە سوقۇلغان شېكەر سېپىلىدۇ، ئوتتۇرىسىغا بۆلجۈرگەن ياكى شاتۇت مۇراببالىرىنى قويۇپ، ئىستېمال قىلىنسىمۇ بولىدۇ.