UyghurWiki
UyghurWikiئۇيغۇر تائاملىرىيەر مەرىزى - گۆش قورۇمىسى

يەر مەرىزى - گۆش قورۇمىسى

ئۇيغۇر تائاملىرى قوينىڭ سان گۆش 70 گرام، يېڭى يەر مەرىزى موۋاپىق، سۇ ماي، زەنجىۋىل، تۇز، ئاقمۇچ ، تېتىتقۇ مۇۋاپىق مىقداردا، سۇڭپىياز بىر تال، سامساق تۆت چىش، جاڭيۇ مۇۋاپىق، شورپا 500 گرام، كراخمال، پالەك مۇۋاپىق مىقداردا. 1 . قوي گۆشىنى ئۈچ سانتىمېتىر چوڭلۇقتا نېپىز توغراپ، تۇز، جاڭيۇ، ھۆل كراخمال بىلەن تەڭشى ئارىلاشتۇرۇپ تەييارلايمىز. 2. يەر مەرىزىنى تېتىپ تەييارلىنىدۇ (يۇمىلاق بولسا نېپىز توغرىلىدۇ، نېپىز بولسا يىلتىزىنى كېسىۋېتىپ، قول بىلەن تېتىلىدۇ). 3. ساپلىققا ماي قۇيۇپ قىزىتىپ، تەييارلانغان گۆشنى سېلىپ تەكشى ئارىلاشتۇرۇپ سۈزۈپ ئېلىنىدۇ. 4. ساپلىق تېگىدە ئازراق ماي قالدۇرۇپ، توغرالغان سۇڭپىياز، زەنجىۋىل، سامساقلارنى سېلىپ داغلاپ، ئۈستىگە سېلىپ قورۇپ، تۇز، جاڭيۇ، ئاقمۇچ سېلىپ تەمىنى تەڭشەپ، ئازراق شورپا قۇيۇپ، ئۈستىگە گۆشنى سېلىپ ئارىلاشتۇرۇپ، ئازراق كراخمال، توغرالغان پالەكنى سېلىپ تەكشى ئارىلاشتۇرۇپ تەخسىگە ئۇسۇلىدۇ
← بارلىق تېمىلار ئۇيغۇر تائاملىرى