ئۈچ بۇرجەك قىيىقچا
ئۇيغۇر تائاملىرى
ئاق ئۇن بىر كىلوگرام، شېكەر، كاۋاۋىچىن سۈيى 70 گرام، تۇخۇم ئىككى دانە، سۇ يېغى بىر كىلوگرام.
1. شېكەرنى ئازلا سۇدا ئېرىتىپ، تۇخۇمنى چېقىپ، ئۇلارنى 35 گرام سۇ يېغى، كاۋاۋىچىن سۈيى بىلەن ئۇنغا قويۇپ خېمىر يۇغۇرىمىز.
2. خېمىر تىنغاندىن كېيىن نېپىز يېيىپ، قىيىقچا بىلەن چىشلىق ئۈچ بۇرجەك ياكى خالىغان شەكىلدە كېسىپ تەييارلايمىز.
3. كېسىلگەن قىيىقچىلارنى بەش - ئالتە دەرىجە قىزىتىلغان ياغقا سېلىپ، سارغايتىپ پىشۇرىمىز.