UyghurWiki
UyghurWikiئۇيغۇر تائاملىرىتوشقان كاۋىپى

توشقان كاۋىپى

ئۇيغۇر تائاملىرى ياۋا توشقان بىر دانە، قىچا ئازراق، دارچىن مۇۋاپىق، تۇز مۇۋاپىق، قارىمۇچ ئازراق، زىرە ئازراق، سەتەر ئازراق. 1. توشقاننى ئۆلتۈرۈپ، تېرىسىنى سويۇپ ئىچ قارنىنى ئېلىپ، گۆشنى پاكىز يۇيۇپ، سۆڭىكىدىن ئاجرىتىپ 2-3 سانتىمېتىر ئەتراپىدا توغراپ سوقۇلغان دارچىن، سەتەر، قىچا قاتارلىقلارنى سېلىپ يېرىم سائەت دۈملەپ تەملەندۈرۈلىدۇ. كېيىن توشقان گۆشىنى زىخلارغا ئۆتكۈزۈپ كاۋاپدانغا قويۇپ قاقلاپ، پىشاي دېگەندە سوقۇلغان قارىمۇچ، تۇز، زىرە سېپىپ ھەر ئىككى تەرەپنى ئۆرۈپ تەكشى پىشۇرۇپ ئىستېمال قىلىنىدۇ. بۇ كاۋاپنى چوڭ - چوڭ پارچىلاپ تونۇرغا ياقسىمۇ، دوخاپكىغا سېلىپ پىشۇرسىمۇ بولىدۇ.
← بارلىق تېمىلار ئۇيغۇر تائاملىرى
توشقان كاۋىپى | UyghurWiki | UyghurWiki