UyghurWiki
UyghurWikiئۇيغۇر تائاملىرىراك - پۇرچاق بوتقىسى

راك - پۇرچاق بوتقىسى

ئۇيغۇر تائاملىرى يېڭى پۇرچاق بوتقىسى بىر پارچە، تېتىتقۇ ئازراق، كىچىك راك 20 تال، سۇڭپىياز ئىككى تال، تۇز مۇۋاپىق، زەنجىۋىل ئازراق، سېرىق ھاراق، ئازراق، كراخمال ئازراق، ئاقمۇچ ئازراق، كۈنجۈت يېغى مۇۋاپىق، شورپا مۇۋاپىق. 1. پۇرچاق بوتقىسىنى پۇرچاقنىڭ چوڭلۇقىدا چاقماق توغراپ، ساپلىققا ماي قۇيۇپ، قىزىتىپ، توغرالغان سۇڭپىياز، چانالغان زەنجىۋىللەرنى سېلىپ داغلاپ، ئۈستىگە شورپا قۇيۇپ تەمىنى تەڭشەپ، پاكىز تازىلانغان كىچىك راك ۋە دۇفۇنى سېلىپ 10 مىنۇت قاينىتىپ، ئازراق كراخمال، بىر نەچچە تامچە كۈنجۈت يېغى تېمىتىپ شورپا قاچىسىغا ئۇسسۇپ، زىياپەت جوزسىغا كەلتۈرۈلىدۇ.
← بارلىق تېمىلار ئۇيغۇر تائاملىرى
راك - پۇرچاق بوتقىسى | UyghurWiki | UyghurWiki