قازان پۆرىسى
ئۇيغۇر تائاملىرى
ئۇن بىر كىلوگرام، پىششىق سۇ يېغى 35 گرام، گۆش 500 گرام، جاڭيۇ ئازراق، سۇ 500 گرام، قارىمۇچ ئازراق، پىياز ياكى كۈدە 500 گرام، تۇز مۇۋاپىق مىقداردا.
گۆشنى ماشىنىدىن ئۆتكۈزۈپ ياكى ئۇششاق توغراپ، چانالغان پىياز ياكى كۈدە، قارىمۇچ، جاڭيۇ، تۇز، پىششىق سۇ يېغى بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ قىيما تەييارلىنىدۇ.
2. تۇز قۇيۇپ قاتتىقراق خېمىر يۇغۇرۇپ، 35 گرام خېمىردا 4-3 دانە زوۋۇلا ئۈزۈپ، نېپىز جىلت ئېچىپ، ئىچىگە قىيمىنى سېلىپ، ئوتتۇرىسىدىن پۈكلەپ قاتلاپ، ئەتراپىنى يېپىشتۇرۇپ، يېرىم ئاي شەكلىدە پۆرە تۈگۈپ تەييار
لىنىدۇ.
3. قازانغا سۇ قۇيۇپ قاينىتىپ، قازاننىڭ سۇغا چىلاشمىغان يۇقىرىقى قىسمىغا تۇز سېپىپ، تەييارلانغان سامسىنى شۇ يەرلەرگە يېقىپ، قازاننىڭ تۇۋىقىنى چىڭ يېپىپ، تېگى قازاننىڭ قىزىقلىقىدا، يۈزى سۇنىڭ ھورىدا پىشۇرۇلىدۇ.
پۆرىنى ياققاندا سۇغا چىلىشىپ قالماسلىقى لازىم.