UyghurWiki
UyghurWikiئۇيغۇر تائاملىرىبېدە گۈلى سەي

بېدە گۈلى سەي

ئۇيغۇر تائاملىرى قوينىڭ لوق گۆشى 105 گرام، زەنجىۋىل ئازراق، ئېرىتكەن قوي يېغى 70 گرام، تېتىتقۇ ئازراق، پۇرچاق ئۇنى ئازراق، سېرىق ھاراق ئازراق، تۇخۇم ئىككى دانە، كۈنجۈت يېغى ئازراق، ھۆل مور تۆت قۇلاق، تۇز مۇۋاپىق مىقداردا. سۇڭپىياز ئازراق. 1. گۆشنى تۆت سانتىمېتىر ئۇزۇنلۇقتا چاچتەك ئىنچىكە توغراپ، ئۇنىڭغا تۇز، شورپا، سېرىق ھاراق، چىلىغان پۇرچاق ئۇنى سېلىپ ئارىلاشتۇرۇلىدۇ؛ تۇخۇمنى چېقىپ ئارىلاشتۇرۇپ كۆپتۈرۈلىدۇ. 2. بىر قاچىغا شورپا ئېلىپ، ئۇنىڭغا تۇز، تېتىتقۇ، چىلىغان پۇرچاق ئۇنى سېلىپ تەڭشەلگەن شورپا تەييارلىنىدۇ. 3. قازاننى قىزىتىپ ئازراق ياغ قۇيۇپ، ئارىلاشتۇرۇپ، كۆپتۈرۈلگەن تۇخۇمنى تۆكۈپ قورۇپ، ئۇششاق پىدە گۈلى شەكلىگە كەلتۈرۈلىدۇ. بۇنى ئېلىۋېلىپ، قازانغا يەنە ئازراق ياغ قۇيۇپ، سۇڭپىياز، سوققان زەنجىۋىل، گۆشنى سېلىپ قورۇپ، گۆش ئاقارغاندا مورنى سېلىپ، سېرىق ھاراق قۇيۇپ، قورۇپ ئېلىنغان تۇخۇمنى سېلىپ ئارىلاشتۇرۇپ تەڭشەلگەن شورپىنى تۆكۈپ، ئىككى قېتىم ئۆرۈپ، كۈنجۈت يېغى سېپىپ تەخسىگە ئېلىنىدۇ.
← بارلىق تېمىلار ئۇيغۇر تائاملىرى