UyghurWiki
UyghurWikiئۇيغۇر تائاملىرىپوستۇمبا (پوست دۈمبە) كاۋاپ

پوستۇمبا (پوست دۈمبە) كاۋاپ

ئۇيغۇر تائاملىرى پوستۇمبا بىر دانە، ئاق ئۇن ئازراق، زىرە مۇۋاپىق، ئاقمۇچ ياكى قارىمۇچ ئازراق، پىياز بىر باش، زەرچىۋە ئازراق، سوققان لازا مۇۋاپىق، تۇخۇم بىر دانە. 1. ياخشى تازىلانغان پوستۇمبىنى تەڭگىدەك چوڭلۇقتا توغراپ، ئۇنىڭغا ئاق ئۇن، تۇخۇم، چانالغان پىياز، زەرچىۋە، ئاقمۇچ ياكى قارىمۇچ سېلىپ ئارىلاشتۇرۇپ يېرىم سائەت قو يۇلىدۇ. 2. بىر تال زىخقا 5 - 6 تالدىن ئۆتكۈزۈپ، پوستۇمبىنىڭ ياغلىق تەرىپىنى ئۈستىگە قىلىپ كاۋاپدانغا قويۇپ، ئۈستىگە سوققان لازا، تۇز، سوققان زىرە سېپىپ ئۆرۈمەي قاقلاپ پىشۇرۇلىدۇ. كاۋاپ پىشىپ، دورا - دەرمەكلەر سىڭىشىپ بولغاندا ئۆرۈپ، ئازراقلا قاقلاپ ئالساق بولىدۇ.
← بارلىق تېمىلار ئۇيغۇر تائاملىرى