UyghurWiki
UyghurWikiئۇيغۇر تائاملىرىئاچچىق يازلىق يېسىۋېلەك

ئاچچىق يازلىق يېسىۋېلەك

ئۇيغۇر تائاملىرى يازلىق يېسىۋېلەك 500 گرام، قۇرۇق لازا 10 گرام، ياغ 20 گرام، تۇز 10 گرام، سۇڭپىياز، زەنجىۋىل بەش گرامدىن، قارىمۇچ مۇۋاپىق مىقداردا. 1. يازلىق يېسىۋېلەكنىڭ باش تەرىپىنى كېسىۋېتىپ قايناۋاتقان سۇغا بېسىپ ئېلىپ، سوغۇق سۇدا سوۋۇتۇلىدۇ. 2. لازىنىڭ ئۇرۇقى ئېلىنىپ پاكىز ئادالانغاندىن كېيىن يۇيۇپ ئۇششاق چاناپ، سۇڭپىياز، زەنجىۋىل بىلەن چانىلىدۇ. 3. قازانغا ياغ قۇيۇپ چۈچۈتىلگەندىن كېيىن قارىمۇچ سېلىپ قارايغىچە قورۇلىدۇ. ئاندىن قارىمۇچنى سۈزۈپ ئېلىۋېتىپ چانالمىلار سېلىنىپ سەل قورۇلغاندىن كېيىن، ھەممىسى يازلىق يېسىۋېلەك ئۈستىگە قويۇلۇپ تۇز قۇيۇپ ئىستېمال قىلىنىدۇ.
← بارلىق تېمىلار ئۇيغۇر تائاملىرى