كوزىدا دۈملەنگەن توخۇ
ئۇيغۇر تائاملىرى
بىر كىلوگراملىق توخۇ بىر دانە، سۇڭپىياز ئىككى تال، سېرىق ھاراق ئازراق، تۇز مۇۋاپىق مىقداردا، زەنجىۋىل ئازراق، كاۋاۋىچىن ئازراق.
1. توخۇنى قائىدە بويىچە تازىلىغاندىن كېيىن قايناق سۇغا بېسىپ ئېلىپ، ئىچىدىكى قان - قۇشلىرىنى سۈرتىۋېتىپ، كىچىك كوزا (ئىدىش)غا سېلىپ، توخۇ گۆشى چىلاشقۇدەك سۇ قۇيۇپ، تۇز، سېرىق ھاراق، زەنجىۋىل، كاۋاۋىچىن، سۇڭپىياز سېلىپ، كوزىنىڭ ئاغزىنى قېلىن قەغەز بىلەن چاپلاپ تەييارلىنىدۇ.
2. كوزىنى چوڭ قازانغا تىك ئورۇنلاشتۇرۇپ، قازانغا كوزىدىن تۆۋەندەك سۇ توشقۇزۇپ (كوزىنىڭ ئىچىگە سۇ كىرىپ كەتمەسلىكى كېرەك)، قازاننىڭ ئاغزىنى يېپىپ پەس ئوتتا 5.2~2 سائەت دۈملەپ پىشۇرۇلىدۇ.