چەينەك شورپىسى
ئۇيغۇر تائاملىرى
سېمىز قوي گۆشى 500 گرام، پىياز 50 گرام، زەنجىۋىل، كاۋاۋىچىن، تۇز، قارىمۇچ مۇۋاپىق مىقداردا.
گۆشنى ئۈچ پارچە قىلىپ بىر كىلوگرام سۇ سىغىدىغان چىنە چەينەككە سېلىپ، ئۈستىدىن قايناقسۇ قۇيۇپ، 10 ~ 15 مىنۇت قاينىتىپ، تۇز، زەنجىۋىل، كاۋاۋىچىن سېلىپ، بوش ئوتتا 25 ~ 30 مىنۇت دەملەيمىز.
2. دەملەنگەن شورپىغا قارىمۇچ، توغرالغان پىيازنى سېلىپ، يەنە بەش مىنۇت قويۇپ، گۆشىنى تەخسىگە، شورپىسىنى چىنىگە ئېلىپ كەلتۈرىمىز. چەينەك بىلەن كەلتۈرسىمۇ بولىدۇ.