UyghurWiki
UyghurWikiئۇيغۇر تائاملىرىتوي پولۇسى

توي پولۇسى

ئۇيغۇر تائاملىرى گۈرۈچ ئىككى كىلوگرام، پىياز بىر تال، گۆش بىر كىلوگرام، تۇز مۇۋاپىق، سەۋزە بىر كىلوگرام، زىرە ئازراق، ياغ 280 گرام، زەرچىۋە ئازراق. 1. گۆشنى 100 گرام چوڭلۇقتا پارچىلاپ، سۇدا قاينىتىپ يېرىم پىشۇرۇپ ئېلىنىدۇ. سەۋزىنى چوڭ - چوڭ قەلەمچە قىلىپ، پىياز يالپاق توغرىلىدۇ. گۈرۈچنى پاكىز ئادالاپ، ئىلمان سۇ بىلەن 4-3 قېتىم يۇيۇپ، ئىسسىق سۇغا چىلاپ قويۇلىدۇ. 2. باشقا بىر قازانغا 70 گرام ياغ قۇيۇپ 7-6 دەرىجە قىزىتىپ داغلاپ، پىيازنى سېلىپ قىزارغىچە قورۇپ، شورپىسىنىڭ بىر قىسمىنى قۇيۇلىدۇ. ئاندىن سەۋزىنى، گۆشنى سېلىپ قاينىتىلىدۇ ۋە سوققان زەرچىۋە، سوققان زىرە، تۇز سېلىپ پىشۇرۇلىدۇ. شورپا 500 گرام، گۈرۈچكە 260 گرام ھېسابىدا بولىدۇ. 3. گۆش، سەۋزە پىشقاندىن كېيىن، گۆشنى سۈزۈۋالىدۇ. ئاندىن قازانغا گۈرۈچنى سېلىپ، قالغان شورپىنىڭ لازىملىق قىسمىنى ئۈستىگە قۇيۇپ پولۇ دەملىنىدۇ. 4. 200 گرام ياغنى باشقا بىر قازاندا 7-6 دەرىجە قىزىتىپ داغلاپ، پولۇنىڭ ئۈستىگە قۇيۇپ ياخشى ئارىلاشتۇرۇپ، ئاندىن لېگەنلەرگە ئۇسۇپ، ئۈستىگە پىشقان گۆشنى بېسىپ داستىخانغا قويۇلىدۇ.
← بارلىق تېمىلار ئۇيغۇر تائاملىرى