UyghurWiki
UyghurWikiئۇيغۇر تائاملىرىشادى پولۇ

شادى پولۇ

ئۇيغۇر تائاملىرى گۈرۈچ بىر كىلوگرام، سەۋزە 500 گرام، سۇ يېغى 105 گرام، پىياز بىر تال، پوستومبا 250 گرام، زىرە مۇۋاپىق، جىگەر 250 گرام، تۇز مۇۋاپىق مىقداردا. 1. پوستۇمبا بىلەن جىگەرنى كېپەكتەك ئۇششاق چاناپ، پىيازنى يالپاق، سەۋزە قوناقتەك چوڭلۇقتا توغرىلىنىدۇ. 2. قازانغا ياغ قۇيۇپ 7 دەرىجە قىزىتىپ، پوستۇمبا، جىگەر، پىيازنى سېلىپ قورۇغاندىن كېيىن، سەۋزىنى سېلىپ يەنە قورۇلىدۇ. خۇرۇچلار سارغىيىپ پىشقاندا تۇز، سۇ قۇيۇپ 20 ـ 15 مىنۇت قاينىتىپ، يۇيۇلغان گۈرۈچنى سېلىپ، ئاش دەم يېگەندىن كېيىن زىرىنى سېلىپ ئارىلاشتۇرۇپ، لېگەنلەرگە ئۇسۇپ داستىخانغا كەلتۈرۈلىدۇ.
← بارلىق تېمىلار ئۇيغۇر تائاملىرى