UyghurWiki
UyghurWikiئۇيغۇر تائاملىرىشۇڭغۇتماق

شۇڭغۇتماق

ئۇيغۇر تائاملىرى قوناق ئۇنى بىر كىلوگرام، ياغ لازا مۇۋاپىق مىقداردا، يېشىل ماش 500 گرام، تۇز مۇۋاپىق مىقداردا، چامغۇر 500 گرام، پىننە ئازراق. ماشنى تازىلاپ، سوغۇق سۇدا 4-3 قېتىم يۇيۇپ، ئىلمان سۇ بار قازانغا سېلىپ، پەس ئوتتا قاينىتىلىدۇ. ماش ئېتىلغاندا چوڭ - چوڭ تۆت بۇرجەك توغرالغان چامغۇرنى سېلىپ 7-5 مىنۇت قاينىتىپ پىشۇرۇلىدۇ. 2. قوناق ئۇنىغا تۇز قۇيۇپ قايناق سۇ بىلەن يۇغۇرۇپ، خېمىرنى ئۆرۈك قېقىدەك چوڭلۇقتا ئۈزۈپ، ئىككى قولىنىڭ ئالىقىنىغا ئېلىپ يۇمىلاقلاپ، چوڭ بارماق قولىنىڭ ئۇچى بىلەن بېسىپ كاۋاك قىلىپ، قايناۋاتقان قازانغا سېلىپ 10 مىنۇت قاينىتىلىدۇ. ئاندىن پىننە سېلىپ قازاننى چۈشۈرۈپ، ئازراق تىنغاندىن كېيىن قاچىلارغا ئۇسۇپ، ھەربىر قاچىغا يېرىم قوشۇقتىن ياكى خالىغانچە ياغ لازا سالسا بولىدۇ.
← بارلىق تېمىلار ئۇيغۇر تائاملىرى