قوي پۇت كاۋىپى
ئۇيغۇر تائاملىرى
كىچىك پاقلان ئالدى پۇتى بىر دانە، تۇخۇم ئىككى دانە، تۇز مۇۋاپىق، ھۆل پۇرچاق ئۇنى ئازراق، زىرە ئازراق، ئاقمۇچ ئازراق، پىياز سۈيى ئازراق، سوققان لازا ئازراق.
قوينىڭ ئالدى پۇتى گۆشىنى ئېلىپ ئەتراپىدىكى پۇرۇچ گۆشلەرنى ئېلىۋېتىپ تەكشى، كۆركەم ھالەتكە كەلتۈرۈپ، بىر نەچچە يېرىنى ئېلىپ تەييارلىنىدۇ.
2. تۇخۇمنى چېقىپ ئۇنىڭغا تۇز، پىياز سۈيى، ھۆل پۇرچاق ئۇنى سېلىپ ئارىلاشتۇرۇپ سۇيۇق شىرە ياساپ، تىلىپ تەييارلانغان پۇت گۆشىنى بىر سائەت چىلاپ قويۇلىدۇ.
3. تونۇرنى قىزىتىپ ھاۋىسىنى تەڭشەپ چىلاپ قويغان گۆشنى تونۇرغا ئېسىپ پىشۇرۇلىدۇ. گۆشنى لېسقا سېلىپ دوخاپكىدا پىشۇرسىمۇ بولىدۇ. پىشقان كاۋاپنى مۇۋاپىق پارچىلاپ، لازا، تۇز، زىرە، ئاقمۇچلارنى ئايرىم تەخسىدە كاۋاپ بىلەن بىللە زىياپەتكە كەلتۈرۈلىدۇ.