UyghurWiki
UyghurWikiئۇيغۇر تائاملىرىسامبۇسا

سامبۇسا

ئۇيغۇر تائاملىرى ئۇن ئىككى كىلوگرام، تۇخۇم ئىككى دانە، سۇ بىر كىلوگرام، پىششىق گۈرۈچ 70رام، گۆش بىر كىلوگرام، تۇز مۇۋاپىق مىقداردا، پىياز بىر كىلوگرام، سودا ئازراق، قارىمۇچ مۇۋاپىق، ئەبجەش ياغ بىر كىلوگرام(خورايدىغىنى 140 گرام). ئېرىتكەن سودا، تۇز، تۇخۇمنى ئىلمان سۇغا سېلىپ تەڭشەپ، ئۇن بىلەن شۇ سۇدا خېمىر يۇغۇرۇپ ياخشى ئىشلەپ، تىندۇرغاندىن كېيىن 35 گرامدىن خېمىردا تۆتتىن زوۋۇلا ئۈزۈپ، پوزا بىلەن جىلت ئېچىپ تەييارلىنىدۇ. 2. گۆش، پىيازنى ئۇششاق توغراپ، ئۇنىڭغا قارىمۇچ، تۇز سېلىپ ئارىلاشتۇرۇپ، ياغدا قورۇپ ئېلىپ، ئۇنىڭغا پىششىق گۈرۈچنى سېلىپ پىششىق قىيما ياسايمىز. 3. تەييارلانغان جىلتقا پىششىق قىيمىدىن سېلىپ خېمىرنى پۈكلەپ يېرىم ئاي شەكلىدە تۈگۈپ، قىيىقچا كېسىدىغان مەخسۇس ئەسۋابتا قىرغىقىغا گۈل چىقىرىپ سامبۇسا تۈگۈپ تەييارلىنىدۇ. (گۈل چىقارمىسىمۇ بولىدۇ). 4. قازانغا ياغ قۇيۇپ، قىزىتىپ، تۈگۈلگەن سامبۇسىنى سېلىپ، تەكشى سارغايتىپ پىشۇرۇلىدۇ.
← بارلىق تېمىلار ئۇيغۇر تائاملىرى