پۇرچاق ئاش
ئۇيغۇر تائاملىرى
ئۇن بىر كىلوگرام، كەرەپشە (چىڭسەي) 140 گرام، گۆش 70 گرام، يىسىۋىلەك (بەسەي) 70 گرام، پۇرچاق 70 گرام، تۇز مۇۋاپىق، ئاچچىقسۇ 70 گرام، كاۋاۋىچىن ئازراق، پىننە ئازراق، تۇخۇم ئىككى دانە، پەمىدۇر ئىككى تال، سۇڭپىياز بىر تال.
1. ئۇنغا تۇخۇمنى چېقىپ، تۇز قۇيۇپ، قاتتىق خېمىر يوغۇرۇپ، ئاز ۋاقىت تىندۇرغاندىن كېيىن چىغدەك ئىنچىكە كېسىپ تەييارلىنىدۇ. پۇرچاقنى سۇدا يۇمشىتىلىدۇ، گۆشنى قوناقتەك پەمىدۇرنى ئۇششاق توغرىلىدۇ. سۇڭپىيازنى ئات تۇۋىقى، يىسىۋىلەك تىرناقتەك، كەرەپشە قىسقا توغرىلىدۇ.
2. قازانغا ياغ قۇيۇپ ئالتىنچى، يەتتىنچى دەرىجە ئوت قىزىغاندا گۆشنى سېلىپ قورۇپ، كەينىدىن سۇڭپىيازنى سېلىپ سارغايتىپ، كەرەپشە، يىسىۋىلەك، تۇز، ياغقا چىلىغان كاۋاۋىچىن، پەمىدۇرنى سېلىپ قورۇپ، قايناق سۇ قۇيۇپ ياخشى يۇمشىتىلغان پۇرچاقنى سېلىپ، خۇرۇچلار پىشقىچە قاينىتىپ، كېسىپ تەييارلانغان خېمىرنى سېلىپ، ئاش پىشقاندا ئاچچىقسۇ، پىننىنى ئۇۋاپ سېلىپ، قاچىلارغا ئۇسۇپ داستىخانغا كەلتۈرۈلىدۇ.