UyghurWiki
UyghurWikiئۇيغۇر تائاملىرىپەمىدۇر پېدىگەن

پەمىدۇر پېدىگەن

ئۇيغۇر تائاملىرى پېدىگەن 250 گرام، پىياز 50 گرام، پەمىدۇر 50 گرام، قىچا يېغى 50 گرام، ئازراق باغ يالپۇزى، پەمىدۇر قىيامى 15 گرام، سامساق ئۈچ گرام، ئازراق قارىمۇچ، تۇز بىر گرام، شېكەر مۇۋاپىق مىقداردا، ئازراق قۇرۇق لازا. 1. پېدىگەننى پاكىز يۇيۇپ پۈتۈنلا ئوتقا قاقلاپ پىشۇرۇپ شۇ ھالدا توغرىلىدۇ. 2. پەمىدۇرنىڭ پوستىنى سويۇپ توغرىلىدۇ. پىيازنى ئاقلاپ چاناپ، چۈچىتىلگەن ياغقا سېلىپ سارغايغىچە قورۇلىدۇ. ئاندىن يالپۇز، قۇرۇق لازا، پەمىدۇر قىيامىنى سۇس ئوتتا ماي قىزغۇچ رەڭ ئالغىچە قورۇپ، ئاندىن پېدىگەن بىلەن پەمىدۇرنى سېلىپ، بۇنىڭغا سوقۇلغان قارىمۇچ، تۇز، شېكەر سېلىپ، 30 مىنۇت يەنى پېدىگەننىڭ سۈيى تۈگىگىچە قورۇلىدۇ. ئاندىن سامساق چانالمىسى بىەلن ئارىلاشتۇرۇپ ئىستېمال قىلىنىدۇ.
← بارلىق تېمىلار ئۇيغۇر تائاملىرى