UyghurWiki
UyghurWikiئۇيغۇر تائاملىرىغاز كاۋىپى

غاز كاۋىپى

ئۇيغۇر تائاملىرى شۇ يىللىق غاز بىر دانە، سۇڭپىياز مۇۋاپىق، تۇز مۇۋاپىق مىقداردا، شاكال بەدىيان ئازراق، ئاچچىقسۇ 35 گرام، ئارپىبەدىيان مۇۋاپىق، تۇخۇم بىر دانە، سۇ يېغى بىر كىلوگرام (خورايدىغىنى 105 گرام). . غازنى ئۆلتۈرۈپ، تۈكلىرىنى يۇڭداپ، پاكىز يۇيۇپ، پۇت ۋە قانىتى كېسىۋېتىلگەندىن كېيىن غازنى ئۆز بۆلەكلىرى بويىچە پارچىلاپ، تۇزلۇق سۇ، سۇڭپىياز، ئارپىبەدىيان، شاكال بەدىيان بىلەن قوشۇپ ئاچچىقسۇغا چىلاپ يېرىم سائەت قويۇلىدۇ. 2. قازانغا ياغ قۇيۇپ 5 ـ 6 دەرىجە قىزىتىپ، چىلاپ قويۇلغان غاز گۆشىنى سېلىپ داغلاپ ئېلىپ، چوڭقۇر لېگەن ياكى لىسقا سېلىپ، سۇ سېپىپ دوخاپكىدا قاقلاپ پىشۇرۇلىدۇ. غاز گۆشىگە پات - پات سۇ سېپىپ ئۆرۈش كېرەك.
← بارلىق تېمىلار ئۇيغۇر تائاملىرى
غاز كاۋىپى | UyghurWiki | UyghurWiki