Ⅱتەرخەمەك سېيى
ئۇيغۇر تائاملىرى
تەرخەمەك 400 گرام، زەنجىۋىل بىر تال، تۇز بەش گرام، شېكەر بەش گرام، سامساق ئۈچ چىش.
1. تەرخەمەكنى ئاقلاپ يۇيغاندىن كېيىن ئوتتۇرىدىن تىلىپ ئىچىدىكى ئۇرۇقلىرىنى ئېلىۋېتىپ بەش سانتىمېتىر ئۇزۇنلۇقتا توغراپ، ئاندىن تەخسىگە ئېلىپ تۇزلاپ 10 مىنۇت دۈملىنىدۇ.
2. سامساق، زەنجىۋىل ئادالىنىپ ئۇششاق چانىلىدۇ.
3. تەرخەمەكنىڭ سۈيىنى ساقىتىۋېتىپ زەنجىۋىل، سامساق چانالمىسى ۋە شېكەر ئارىلاشتۇرۇپ ئىستېمال قىلساق بولىدۇ.