لازىلىق پېدىگەن
ئۇيغۇر تائاملىرى
پېدىگەن 500 گرام، كۆك لازا 30 گرام، سامساق 25 گرام، ياغ 25 گرام، تۇز بەش گرام، ئاچچىقسۇ 8 گرام، سۇڭپىياز 10 گرام.
1. پېدىگەننى ئاقلاپ يۇيغاندىن كېيىن قاسقانغا سېلىپ ھوردا پىشۇرۇلىدۇ. پىشقان پېدىگەن بىر سانتىمېتىر كەڭلىكتە قەلەمچە قىلىنىپ تەخسىگە سېلىنىدۇ.
2. كۆك لازىنى ئادالاپ، سامساقنى ئۇششاق چاناپ لازا بىلەن بىر قاچىغا سېلىنىدۇ.
3. ياغ چۈچۈتىلىپ لازا، سامسا چانالمىسىغا قۇيۇلىدۇ. ئاندىن تۇز، ئاچچىقسۇ قوشۇپ پېدىگەن قەلەمچىسىگە تەكشى سېپىلىپ ئۈستىگە سۇڭپىياز چانالمىسى سېپىلىدۇ.