UyghurWiki
UyghurWikiئۇيغۇر تائاملىرىقوي گۆشى پۇرچاق بوتقىسى

قوي گۆشى پۇرچاق بوتقىسى

ئۇيغۇر تائاملىرى قوينىڭ گۆشى 70 گرام، ھۆل كراخمال ئازراق، پۇرچاق بوتقىسى بىر پارچە، سۇڭپىياز بىر تال، كۆپتۈرۈلگەن بامبۇك 70 گرام، زەنجىۋىل ئۇنى ئازراق، مور بەش قۇلاق، تۇز مۇۋاپىق، ئاقمۇچ ئازراق، پالەك ئىككى تۈپ، تېتىتقۇ بىر چىمدىم، جاڭيۇ ئازراق، كۈنجۈت يېغى ئازراق. 1. قوي گۆشىنى كىچىك، نېپىز يالپاقلاپ، دۇفۇنى يانتۇ، ياپىلاق، بامبۇك نوتىسى نېپىز توغرىلىدۇ. 2. توغرالغان گۆشكە تۇز، كراخمال قوشۇپ تەكشى ئارىلاشتۇرۇلىدۇ. 3. ساپلىققا سۇ قۇيۇپ قاينىغاندا گۆشنى سېلىپلا سۈزۈۋېلىنىدۇ. ئارقىدىن پۇرچاق بوتقىسى قايناق سۇغا سېلىپ بىر قاينىتىپلا سۈزۈپ ئېلىنىدۇ. 4. ساپلىققا شورپا قۇيۇپ، گۆش ۋە پۇرچاق بوتقىسى سېلىپ، ئارقىدىن تۇز، جاڭيۇ، زەنجىۋىل، بامبۇك، مور، پىياز، پالەك قاتارلىقلارنى سېلىپ قاينىغاندا كۆپۈكنى ئېلىۋېتىپ، تېتىتقۇ ئاقمۇچ، كراخمال سېلىپ قاينىتىپ، كۈنجۈت يېغى تېمىتىپ چوڭقۇر تەخسىگە ئۇسۇلىدۇ.
← بارلىق تېمىلار ئۇيغۇر تائاملىرى
قوي گۆشى پۇرچاق بوتقىسى | UyghurWiki | UyghurWiki