ماش ئۈگرە
ئۇيغۇر تائاملىرى
ماش 140 گرام، سوققان لازا مۇۋاپىق مىقداردا، گۆش 175 گرام، ئۇن 500 گرام، زەنجىۋىل مۇۋاپىق مىقداردا، پىياز بىر باش، قەلەمپۇر مۇۋاپىق مىقداردا، تۇرۇپ ئىككى تال، يۇمغاقسۈت ياكى رەيھان ئازراق، تۇز مۇۋاپىق مىقداردا.
1. پىياز ۋە گۆشنى ئۇششاق، تۇرۇپنى ئۇزۇن ئىنچىكە، يۇمغاقسۈت ياكى رەيھان ئۇششاق توغرىلىدۇ.
2. قازانغا ياغ قۇيۇپ داغلاپ، پىياز ۋە گۆشنى سېلىپ قورۇپ، پىياز ۋە گۆش سارغايغاندا تۇرۇپنى سېلىپ قورۇلىدۇ. خۇرۇچ پىشقاندا سۇ قۇيۇپ، ماشنى تازىلاپ يۇيۇپ سېلىپ، ئوتنى پەسلىتىپ، ماش ئېتىلغىچە سىم - سىم قاينىتىلىدۇ.
3. ماش ئېتىلغاندىن كېيىن، ئىنچىكە كېسىلگەن ئۈگرىنى سېلىپ پىشۇرۇپ، تۇز، زەنجىۋىل، قەلەمپۇر، لازىنى سېلىپ تەمىنى تەڭشەپ، توغرالغان يۇمغاقسۈت ياكى رەيھاننى سېلىپ ئارىلاشتۇرۇپ، قازاننى چۈشۈرۈپ ئازراق تىندۇرغاندىن كېيىن قاچىلارغا ئۇسۇلىدۇ.