(بولاق پۆرە(ياغ پۆرە
ئۇيغۇر تائاملىرى
ئاق ئۇن بىر كىلوگرام، ئەبجەش ياغ بىر كىلوگرام، گۆش بىر كىلوگرام (خورايدىغىنى
140 گرام)، تۇخۇم بىر دانە، قارىمۇچ ئازراق، پىياز 500 گرام، تۇز مۇۋاپىق مىقداردا، زىرە ئازراق، خېمىرتۇرۇچ مۇۋاپىق مىقداردا.
گۆش، پىيازلارنى ئۇششاق توغراپ، سوققان زىرە، تۇز، قارىمۇچ ئارىلاشتۇرۇپ قىيما تەييارلىنىدۇ.
2. ئۇنغا تۇخۇمنى چېقىپ، تۇز قۇيۇپ خېمىرتۇرۇچلۇق خېمىر يۇغۇرۇپ، نېپىز يېيىپ، ئاي شەكىللىك پۆرە تۈگۈپ تەييارلىنىدۇ.
3. قازانغا كۆپرەك ياغ قۇيۇپ تۈگۈلگەن پۆرىلەرنى ياغدا داغلىۋېتىپ، ئۇنىڭدىن كېيىن تاۋىغا ياكى قاسقانغا سېلىپ پىشۇرۇلىدۇ.