UyghurWiki
UyghurWikiئۇيغۇر تائاملىرىبولاق مانتا

بولاق مانتا

ئۇيغۇر تائاملىرى ئاق ئۇن بىر كىلوگرام، تۇز مۇۋاپىق مىقداردا، لوق قوي گۆشى بىر كىلوگرام، ئىلمان سۇ 300 مىللىتىر، پىياز 500 گرام، سوققان زىرە مۇۋاپىق مىقداردا، كاۋاۋىچىن مۇۋاپىق مىقداردا، شۇلتا ئازراق. ئۇنغا تۇز ۋە خېمىرتۇرۇچ سېلىپ، تۇزى كەمرەك خېمىر يۇغۇرۇپ، ئىسسىق جايدا تەڭلىگە سېلىپ چىرايلىق يۆگەپ، 2-5.1 سائەت بولدۇرۇلىدۇ. 2. گۆشنى گۆش توغراش ماشىنىسىدىن بىر قېتىملا ئۆتكۈزۈپ ياكى ئۇششاق توغراپ، ئىلمان سۇ سېپىپ، تۇز، ئۇششاق يالپاقلانغان پىياز ۋە سوققان كاۋاۋىچىن، زىرىنى سېلىپ ئارىلاشتۇرۇپ قىيما تەييارلىنىدۇ. 3. بولدۇرغان خېمىرغا پىششىق شۇلتا سۈيى بېرىپ ئىشلەپ، 20 دانە زوۋۇلا ئۈزۈپ، قول بىلەن بېسىپ قېلىنراق جىلىت ئېچىپ، ئىچىگە قىيما سېلىپ مانتا تۈگۈپ، قاسقانغا سېلىپ، تېز ئوتتا 25 - 20 مىنۇت ھوردا پىشۇرۇلىدۇ. زوۋۇلىنى كىچىكرەك ئۈزۈپ 40 ـ 30 مانتا قىلسىڭىزمۇ بولىدۇ.
← بارلىق تېمىلار ئۇيغۇر تائاملىرى
بولاق مانتا | UyghurWiki | UyghurWiki