ئۇماچ
ئۇيغۇر تائاملىرى
قوناق ئۇنى 175 گرام، پىياز بىر باش، گۆش 175 گرام، كاۋاۋىچىن مۇۋاپىق، ئېرىتمىگەن قوي يېغى 70 گرام، زەنجىۋىل مۇۋاپىق، چامغۇر 140 گرام، تۇز مۇۋاپىق مىقداردا، پىننە ئازراق.
1. گۆش ۋە قوي يېغىنى جىگدىدەك چوڭلۇقتا، پىيازنى قىيپاش قىلىپ، چامغۇرنى چاقماق قەنتتەك قىلىپ توغرىلىدۇ.
2. قازاننى قىزىتىپ، توغرالغان ياغنى سېلىپ ئېرىتىپ، گۆشنى سېلىپ قورۇپ، پىيازنى سېلىپ سارغايتىپ، سوققان زەنجىۋىل، كاۋاۋىچىن، تۇز سېلىپ قورۇپ، 175 گرام ئۇندا قويۇلغۇدەك سۇ قۇيۇپ تەمىنى تەڭشەپ، چامغۇرنى سېلىپ قاينىتىپ شورپا تەييارلىنىدۇ.
3. ئۇننى قاچىغا سېلىپ سوغۇق سۇ قۇيۇپ، ئارىلاشتۇرۇپ خام ئۇماچ قىلىپ، قازاندا تەييارلانغان شورپىغا قۇيۇپ ئارىلاشتۇرۇپ
پىشۇرۇلىدۇ. ئاش پىشقاندىن كېيىن پىننە سېلىپ ئارىلاشتۇرۇپ قاچىلارغا ئۇسۇلىدۇ.