UyghurWiki
UyghurWikiئۇيغۇر تائاملىرىخۇيلىما زىخ كاۋاپ

خۇيلىما زىخ كاۋاپ

ئۇيغۇر تائاملىرى لوق گۆش ئىككى كىلوگرام، قارىمۇچ ئازراق، قوينىڭ ئېرىتمىگەن يېغى 140 گرام، پىياز سۈيى بىر پىيالە، تۇز مۇۋاپىق، زىرە مۇۋاپىق، تۇخۇم تۆت دانە، پۇرچاق ئۇنى ئازراق. گۆشنى سۆڭىكى بىلەن سەرەڭگە قېپىدەك چوڭلۇقتا، ياغنى چوڭ - چوڭ توغراپ، ئۇنىڭغا تۇز، قارىمۇچ، پىياز سۈيى ئارىلاشتۇرۇپ بىر سائەت تىندۇرۇلىدۇ. 2. چوكىدەك ئۇزۇنلۇقتىكى ياغاچ زىخ تەييارلاپ ئۇنىڭغا تىندۇرغان گۆشنى تۆت تال گۆش، ئىككى تال ياغ، بەش تال گۆش، بىر تال ياغ ئۆتكۈزۈپ تەييارلىنىدۇ. 3. تۇخۇمنى چېقىپ ئۇنىڭغا ھۆل پۇرچاق ئۇنى ئارىلاشتۇرۇپ سۇيۇق شىرە تەييارلىنىدۇ. 4. قىزىغان تونۇرنىڭ ھاۋىسىنى تەڭشەپ، تونۇرنىڭ داپخانلىرىنى ئېتىپ، تەييارلانغان گۆشنى سۇيۇق شىرىگە چىلاپ، تونۇرنىڭ تېگىگە تەكشى تىكلەپ، تونۇرنىڭ ئاغزىنى چىڭ ئېتىپ، يېرىم سائەت خۇيلاپ پىشۇرۇلىدۇ.
← بارلىق تېمىلار ئۇيغۇر تائاملىرى