UyghurWiki
UyghurWikiئۇيغۇر تائاملىرىقىيمىلىق پولۇ

قىيمىلىق پولۇ

ئۇيغۇر تائاملىرى گۈرۈچ بىر كىلوگرام، سۇڭپىياز ئىككى تال، ئەبجەش ياغ 500 گرام، ئاقمۇچ مۇۋاپىق، باش پىياز 105 گرام، پۇرچاق ئۇنى 70 گرام، لوق گۆش بىر كىلوگرام، سوققان زىرە مۇۋاپىق، سەۋزە بىر كىلوگرام، تۇز مۇۋاپىق مىقداردا. 1. گۆش گۆش توغراش ماشىنىسىدىن ئۆتكۈزۇلىدۇ ياكى ئۇششاق چانىلىدۇ. پىياز ئۇششاق توغرىلىدۇ. ئاق قارىمۇچ، زىرىلەر ھاۋانچىدا سوقۇلىدۇ، پۇرچاق ئۇنىنى سۇغا چىلاپ، سەۋزە قەلەمچە، پىياز يالپاق توغرىلىدۇ. 2. يۇقىرىقى خۇرۇچلارنى ئارىلاشتۇرۇپ قىيما قىلىپ ياڭاقتەك كۇمىلاچ (ۋەنزە) قىلىنىدۇ. 3. قازانغا ياغ قۇيۇپ 6-5 دەرىجە قىزىتىپ، كۇمىلاچلارنى سېلىپ، سىرتى قىزارغىچە قورۇپ سۈزۈۋېلىنىدۇ. 4. ياغنىڭ قىزىقلىقىنى 8-7 دەرىجىگە كۆتۈرۈپ، سۇڭپىيازنى سېلىپ قورۇپ، ئارقىدىن سەۋزىنى سېلىپ يەنە قورۇپ، <گۆشلۈك پولۇ>نى ئېتىش ئۇسۇلى بويىچە پولۇ ئېتىلىدۇ. 5. كۇمىلاچلار تولۇق پىشقان بولسا، پولۇنى دەملەش ۋاقتىدا ئۇلار گۈرۈچنىڭ ئۈستىگە بېسىلىدۇ. يېرىم پىشقان بولسا، خۇرۇچلار قايناۋاتقاندا سېلىپ ئۈستىدىن گۈرۈچ سېلىنىدۇ. پولۇ دەم يېگەندىن كېيىن قىيما كۇمىلاچلارنى باشقا قاچىغا ئېلىۋېلىپ، پولۇ ئۇسقاندا ئۇلار پولۇنىڭ ئۈستىگە قويۇلىدۇ.
← بارلىق تېمىلار ئۇيغۇر تائاملىرى
قىيمىلىق پولۇ | UyghurWiki | UyghurWiki