UyghurWiki
UyghurWikiئۇيغۇر تائاملىرىمەنچىزە ئاش

مەنچىزە ئاش

ئۇيغۇر تائاملىرى ئۇن 200 گرام، تۇز مۇۋاپىق مىقداردا، سۆڭەكلىك قوي گۆشى 500 گرام، قارىمۇچ ئازراق، ياغ 70 گرام، زەنجىۋىل ئازراق، سۇڭپىياز بىر تال، كاۋاۋىچىن ئازراق، ياڭيۇ ئىككى تال، يۇمغاقسۈت ئازراق، پەمىدۇر ئىككى تال، سامساق بىر باش. ئۈگرە ئاشقا تەييارلىغاندەك خېمىر تەييارلاپ يېيىپ، ئۇنى ئۈچ بۇرجەك قىلىپ كېسىپ، ئۈستىگە ئۇن سېپىپ قويۇلىدۇ. 2. گۆشنى جىگدىدەك چوڭلۇقتا، سۇڭپىيازنى ياپىلاق، پەمىدۇرنى قاقتەك چوڭلۇقتا ياپىلاق، ياڭيۇنى چاقماق قىلىپ، يۇمغاقسۈتنى ئۇششاق توغرىلىدۇ. سامساق ئۇششاق چانىلىدۇ. 3. ياغ داغلانغاندىن كېيىن گۆشنى سېلىپ، بىر، ئىككى قېتىم قورۇپلا ئۈستىدىن پەمىدۇر، ياڭيۇنى سېلىپ 10 مىنۇت تېز قورۇپ تۇز، لازا، زەنجىۋىل، كاۋاۋىچىن سېلىپ ئارىلاشتۇرۇپ، ئاندىن سۇ قۇيۇپ قاينىتىپ، تۇز تەمىنى تەڭشەپ، ماتېرىياللار ئاساسەن پىشقاندا، كېسىلگەن خېمىرنى سېلىپ، بىر، ئىككى قاينىتىپ، ئۇنىڭدىن كېيىن يۇمغاقسۈت، سامساقلارنى سېلىپ ئارىلاشتۇرۇپ، دەرھال قاچىلارغا ئۇسۇلىدۇ، ئۇزۇن تۇرۇپ قالسا ئاش قويۇلۇپ قالىدۇ. ئاچچىقسۇ، ياغ لازىلار ئايرىم كەلتۈرۈلىدۇ.
← بارلىق تېمىلار ئۇيغۇر تائاملىرى
مەنچىزە ئاش | UyghurWiki | UyghurWiki