سۈتلۈك پولۇ ) شىرە پولۇ)
ئۇيغۇر تائاملىرى
گۈرۈچ ئىككى كىلوگرام، پىياز بىر تال، سۈت بىر كىلوگرام، زىرە مۇۋاپىق، ياغ 200 گرام، تۇز مۇۋاپىق مىقداردا، تۇرۇب بىر كىلوگرام، سۇ 500 گرام.
1. سۈتنى قاينىتىپ قۇيىمىز. پىيازنى يالپاق، تۇرۇپ (لوبو) قوناقتەك چوڭلۇقتا توغرىلىدۇ. گۈرۈچنى 4-3 قېتىم يۇيۇپ ئىسسىق سۇغا چىلاپ قويۇلىدۇ.
2. ياغ 7-6 دەرىجە قىزىغاندا پىيازنى سېلىپ سارغايتىپ، تۇرۇپنى سېلىپ، بوش قورۇپ، زىرە، تۇزنى سېلىپ ۋە 500 گرام سۇ قۇيۇپ قاينىتىلىدۇ، تۇرۇپ پىشقاندا، گۈرۈچنى سېلىپ گۈرۈچ سۈيى تارتىلغاندا، قايناتقان سۈتنى قۇيۇپ، ئاشنى دەملەپ پىشۇرۇلىدۇ.