(گۆش بۇستۇق)خوشاڭ
ئۇيغۇر تائاملىرى
ئاق ئۇن بىر كىلوگرام، ئېرىتكەن قوي يېغى 220 گرام، سودا مۇۋاپىق، لوق گۆش 750 گرام، خېمىرتۇرۇچ ئازراق، پىياز 500 گرام، سۇ 500 گرام، كاۋاۋىچىن مۇۋاپىق مىقداردا، شورپا ياكى ئىلمان سۇ مۇۋاپىق مىقداردا، تۇز مۇۋاپىق مىقداردا.
1. 500 گرام ئۇندا ياغلىق خېمىر، يەنە بىر جىڭ ئۇندا سۇدا يۇغۇرۇلغان خېمىر يۇغۇرۇپ، ئۇنىڭغا خېمىرتۇرۇچ سېلىپ، ئىككى خېمىرنى ئارىلاشتۇرۇپ ئىشلەپ، خېمىر بولغاندىن كېيىن زوۋۇلا ئۈزۈپ، بولاق مانتىنىڭكىدەك جىلت ئېچىلىدۇ.
2. قوي گۆشىنى ئۇششاق توغراپ، ئۇششاق چانالغان پىياز، سوققان كاۋاۋىچىن، تۇز، شورپا ياكى سۇ، داغلانغان سۇ يېغى ئارىلاشتۇرۇپ قىيما تەييارلىنىدۇ. ئاندىن تەييارلانغان جىلتلارغا قىيما سېلىپ ئاستى - ئۈستىدە ئوت بار قىزىق تاۋىغا ياكى قازانغا تىزىپ پىشۇرۇلىدۇ. پىشۇرۇش جەريانىدا ھەر ئىككى تەرەپنى تەكشى پىشۇرۇش كېرەك.