قاتلىما سامسا
ئۇيغۇر تائاملىرى
ئۇن ئىككى كىلوگرام، پىياز 750 گرام، سۇ بىر كىلوگرام، تۇز مۇۋاپىق، ئېرىتكەن قوي يېغى 250 گرام، قارىمۇچ ئازراق، گۆش بىر كىلوگرام، زىرە ئازراق، سۇ يېغى 500 گرام.
1. ئىلمان سۇغا تۇز سېلىپ تەڭشەپ، قاتتىق خېمىر يۇغۇرۇپ، ياخشى ئىشلەپ 10 مىنۇت تىندۇرغاندىن كېيىن، خېمىرنى نېپىز قىلىپ يۈزىگە ئېرىتكەن قوي يېغى سۈركەپ، بىر چەتتىن تۈرۈپ ئۇزۇنچاق قاتلىما قىلىپ،
20 گرامدىن زوۋۇلا ئۈزۈپ نېپىزلىتىپ جىلت ئېچىلىدۇ.
2. گۆشنى قوناقتەك، پىيازنى ئۇششاق توغراپ، ئۇنىڭغا سوققان قارىمۇچ، زىرە، تۇز سېلىپ ئارىلاشتۇرۇپ قىيما جوپلاپ، تەييارلانغان قىيمىنى قىزىتلغان ياغقا سېلىپ، ئازراق قورۇپ پىششىق قىيما قىلىپ تەييارلىنىدۇ.
3. تەييارلانغان جىلتىنىڭ ئىچىگە پىششىق قىيمىدىن سېلىپ سامسا شەكلىدە ياكى يۇمىلاق توقاچ شەكلىدە تۈگۈپ (ئاي شەكلىدە تۈگسىمۇ بولىدۇ) تەييارلىنىدۇ.
4. قازانغا ياغ قۇيۇپ قىزىتىپ، تۈگۈلگەن قاتلىما سامسىنى سېلىپ سارغايتىپ پىشۇرۇلىدۇ.