UyghurWiki
UyghurWikiئۇيغۇر تائاملىرىتۇخۇم پۆرىسى

تۇخۇم پۆرىسى

ئۇيغۇر تائاملىرى ئاق ئۇن بىر كىلوگرام، ئېرىتكەن قوي يېغى 105 گرام، تۇخۇم ئالتە دانە، خېمىرتۇرۇچ ئازراق، كۈدە بىر كىلوگرام، پىششىق سۇ يېغى 70 گرام، كاۋاۋىچىن ئازراق، تۇز مۇۋاپىق مىقداردا، جاڭيۇ ئازراق. تۇخۇمنى چېقىپ ئازراق تۇز سېلىپ ئارىلاشتۇرۇپ، ياغلانغان قازانغا قۇيۇپ، تۆت دانە نېپىز تۇخۇم پۆشكىلى ياساپ، ئۇنى ئۇششاق توغراپ، ئۇنىڭغا پاكىز يۇيۇپ ئۇششاق توغرالغان كۈدە ئارىلاشتۇرۇپ، كاۋاۋىچىن، تۇز، جاڭيۇ، پىششىق سۇ يېغى بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ، تۇخۇم قىيمىسى تەييارلىنىدۇ. 2. خېمىرتۇرۇچلۇق خېمىر يۇغۇرۇپ، چالا بولغاندا 35 گرام خېمىردا ئۇچ زوۋۇلا ئۈزۈپ، نېپىز جىلت ئېچىپ، قىيما سېلىپ قاتلاپ، يېرىم ئاي شەكلىدە پۆرە ياسىلىدۇ. 3. تەييارلانغان پۆرىنى تاۋىغا ياكى قازانغا سېلىپ، ھەر ئىككى تەرىپىنى تەكشى سارغايتىپ پىشۇرۇپ، داستىخانغا كەلتۈرۈلىدۇ.
← بارلىق تېمىلار ئۇيغۇر تائاملىرى