UyghurWiki
UyghurWikiئۇيغۇر تائاملىرىبولكىغا مىلەنگەن قوۋۇرغا گۆش

بولكىغا مىلەنگەن قوۋۇرغا گۆش

ئۇيغۇر تائاملىرى قوينىڭ سان گۆشى 140 گرام، قارىمۇچ ئۇنى ئازراق، تۇخۇم ئىككى دانە، سېرىق ھاراق ئازراق، بولكا ئۇۋىقى 35 گرام، پىششىق سۇ يېغى بىر كىلوگرام (خورايدىغىنى 35 گرام)، تۇز ئازراق، تېتىتقۇ بىر چىمدىم، كراخمال ئازراق. 1. قوي گۆشىنى چوڭ - چوڭ ياپىلاق توغراپ، دورا - دەرمەك سېلىپ 20 مىنۇت چىلاپ تەملەندۈرۈلىدۇ. 2. تۇخۇمنى چېقىپ، ئۇنىڭغا كراخمال قوشۇپ ئارىلاشتۇرۇپ، تۇخۇم ئۇمىچى تەييارلاپ، چىلانغان گۆش ياپراقلىرىنى ئۇماچقا بىر - بىرلەپ چىلاپ، بولكا ئۇۋاقلىرىغا مىلەپ تەييارلىنىدۇ. 3. ساپلىققا ئازراق ياغ قۇيۇپ، 6 دەرىجە قىزىتىپ تەييارلانغان گۆشنى سېلىپ، ئالتۇن سېرىق رەڭگە كىرگۈزۈپ سۈزۈپ ئېلىنىدۇ، تەخسىگە تىزىلىدۇ.
← بارلىق تېمىلار ئۇيغۇر تائاملىرى