UyghurWiki
UyghurWikiئۇيغۇر تائاملىرىتاتلىق كۇمۇلەك

تاتلىق كۇمۇلەك

ئۇيغۇر تائاملىرى قوي گۆشى 280 گرام، ئاق شېكەر 35 گرام، ھەسەل ئازراق، تۇخۇمنىڭ ئېقى تۆت دانە، ياڭاق 10 دانە، پۇرچاق ئۇنى 105 گرام، تۇخۇمنىڭ سېرىقى بىر دانە، سۇ يېغى 500 گرام (خورايدىغىنى 70 گرام). 1. گۆشنى ماشىنىدىن ئۆتكۈزۈپ، ئۇنىڭغا تۇخۇمنىڭ سېرىقىنى، چىلانغان پۇرچاق ئۇنىنى ئارىلاشتۇرۇپ 20 تال كۇمۇلەك ياسىلىدۇ. 2. ياڭاق مېغىزىنىڭ پوستىنى سويۇۋېتىپ، ئاق شېكەر بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ، يۇمشاق سوقۇپ، ئۇنىڭغا ئازراق ھەسەل ئارىلاشتۇرۇپ تاتلىق قىيما تەييارلىنىدۇ. 3. ياسالغان كۇمۇلەكنىڭ ئىچىگە تاتلىق قىيمىدىن سېلىپ يەنە كۇمۇلەك قىلىدۇ. 4. تۇخۇمنىڭ ئېقىغا چىلىغان پۇرچاق ئۇنىنى سېلىپ ئارىلاشتۇرۇپ، قويۇق شىرى تەييار لىنىدۇ. 5. قازانغا ياغ قۇيۇپ 5-4 دەرىجە قىزىتىپ، كۇمۇلەكنى قويۇق شىرىگە چىلاپ، ياغقا سېلىپ پىشۇرۇلىدۇ. كۇمۇلەك لەيلەپ چىققاندا سۈزۈپ ئېلىپ تەخسىگە تىزىپ قويۇلىدۇ. 6. قازانغا ئازلا ياغ قۇيۇپ، ئازراق ھەسەل، چىلىغان پۇرچاق ئۇنى سېلىپ ئارىلاشتۇرۇپ، قايناپ چىققاندا، تەخسىدىكى پىششىق كۇمۇلەكنىڭ ئۈستىگە قۇيۇپ، ئاندىن كۆك، قىزىل رەڭ چېچىپ قويۇلىدۇ.
← بارلىق تېمىلار ئۇيغۇر تائاملىرى
تاتلىق كۇمۇلەك | UyghurWiki | UyghurWiki