UyghurWiki
UyghurWikiئۇيغۇر تائاملىرىشىرە پۇرچاق بوتقىسى

شىرە پۇرچاق بوتقىسى

ئۇيغۇر تائاملىرى پۇرچاق بوتقىسى ئىككى پارچە، پۇرچاق ئۇنى ئازراق، سۇ يېغى 35 گرام، سامساق تۆت چىش، كۈنجۈت يېغى ئازراق، شورپا ئازراق، تۇخۇم بىر دانە، تېتىتقۇ بىر چىمدىم، ئاق ئۇن ئازراق، تۇز مۇۋاپىق مىقداردا سۈت 70 گرام. 1 . بىر قاچىغا 70 گرام سۈت ئېلىپ، تۇز، پۇرچاق ئۇنى، سامساق، تېتىتقۇلارنى سېلىپ، شورپىنى قۇيۇپ سۇيۇق تەڭشەلگەن شىرە يا سىلىدۇ؛ پۇرچاق بوتقىسى كىچىك چاقماق شەكىلدە توغرىلىنىدۇ. 2. تۇخۇمنى چېقىپ ئازراق ئۇننى ئارىلاشتۇرۇپ، قويۇق تۇخۇم شىرىسى ياسىلىدۇ. 3. توغرالغان پۇرچاق بوتقىسىنى قويۇق تۇخۇم شىرىسىگە چىلاپ قويۇپ، قازانغا ياغ قۇيۇپ 7-6 دەرىجە قىزىتىپ پۇرچاق بوتقىسىنى بىر - بىرلەپ ياغقا سېلىپ سارغايتىپ پىشۇرۇپ ئېلىنىدۇ. 4. قازانغا ئازلا ياغ قۇيۇپ، تەييارلانغان سۇيۇق شىرىنى تۆكۈپ، ئۈستىگە پۇرچاق بوتقىسىنى سېلىپ ئىككى، ئۈچ قېتىم ئۆرۈپ،، كۈنجۈت يېغى سېپىپلا تەخسىگە ئېلىنىدۇ.
← بارلىق تېمىلار ئۇيغۇر تائاملىرى