چىلاشما گۆش
ئۇيغۇر تائاملىرى
پىششىق قوي گۆشى 200 گرام، ھۆل مور ئازراق، تۇخۇم ئىككى دانە، تۇز مۇۋاپىق مىقداردا، چىلىغان پۇرچاق ئۇنى 70 گرام، كاۋاۋىچىن ئازراق، سۇڭپىياز بىر تال، تېتىتقۇ بىر چىمدىم، سامساق تۆت چىش، جاڭيۇ ئازراق، ھۆل خۇاڭخۇا سەي ئازراق، سۇ يېغى بىر كىلوگرام (خورايدىغىنى 70 گرام).
1 . پىششىق قوي گۆشىنى ئۇزۇنلۇقى تۆت سانتىمېتىر، كەڭلىكى ئىككى سانتىمېتىر قىلىپ يالپاقلاپ، سۇڭپىياز ئات قۇلىقى شەكلىدە، سامساق يالپاق توغرىلىدۇ.
2. توغرالغان گۆشكە كاۋاۋىچىن، تېتىتقۇ، تۇز، بىر تۇخۇم، چىلىغان پۇرچاق ئۇنى سېلىپ ئارىلاشتۇرۇلىدۇ؛ يەنە بىر تۇخۇم باشقا قاچىغا چېقىپ قويۇلىدۇ.
3. شورپىغا جاڭيۇ، تېتىتقۇ، تۇز، قارىمۇچ، چىلىغان پۇرچاق ئۇنى سېلىپ تەڭشەلگەن شورپا ياسىلىدۇ.
4. قازانغا ياغ قۇيۇپ 8~7 دەرىجە قىزىتىپ، گۆشنى سېلىپ سارغايتىپ پىشۇرۇپ تەخسىگە ئېلىنىدۇ.
5. قازانغا 35 گرام ياغ قۇيۇپ، سۇڭپىياز، خۇاڭخۇا سەي، مورلارنى سېلىپ قورۇپ، تەڭشەلگەن شورپىنى تۆكۈپ، قاينىغاندىن كېيىن تۇخۇمنى قۇيۇپ تۇخۇم شورپىسى ياساپ، ياغ سېپىپ پارقىرىتىپ، تەخسىدىكى گۆشنىڭ ئۈستىگە قۇيۇلىدۇ.