غوزا گۆشى قورۇمىسى
ئۇيغۇر تائاملىرى
قوينىڭ لوق گۆشى 200 گرام، تۇز مۇۋاپىق مىقداردا، تۇخۇمنىڭ ئېقى ئۈچ دانە، كاۋاۋىچىن ئازراق، كۈنجۈت يېغى ئازراق، تېتىتقۇ بىر چىمدىم، پۇرچاق ئۇنى ئازراق، كۆيدۈرۈلگەن قوي يېغى 500 گرام (خورايدىغىنى 105 گرام)، ئاق ئۇن ئازراق.
1. قوينىڭ سان گۆشىنى شىلىپ ئېلىپ، كەڭلىكى ئۈچ سانتىمېتىر، ئۇزۇنلۇقى تۆت سانتىمېتىر نېپىز يالپاقلاپ توغراپ، تەخسىگە يېيىتىپ قويۇپ، ئۈستىگە تۇز سېپىپ قويۇلىدۇ؛ ئۈچ تۇخۇمنى چېقىپ، ئېقىنى چوكا بىلەن ھەم تېز، ھەم توختىماي ئارىلاشتۇرۇپ، كۆپتۈرۈپ، كۈنجۈت يېغى، چىلىغان پۇرچاق ئۇنى، ئاق ئۇن سېلىپ يەنە قورۇپ، قويۇق تۇخۇم شىرىسى ياسىلىدۇ.
2. قازانغا ياغ قۇيۇپ 5 دەرىجە قىزىتىپ، گۆشنى تۇخۇم شىرىسىگە چىلاپ ياغقا سېلىپ، گۆش چېچەكلەپ چىققاندا سۈزۈپ ئېلىپ تەخسىگە قويۇلىدۇ.
ئوت كۈچىنى ياخشى ئىگىلەش كېرەك، ياغ بەك قىزىق بولۇپ كەتسە، گۆشنىڭ تېشى كۆيۈپ، ئىچى خام قالىدۇ.
3. گۆشنى يەنە بىر قېتىم 6 دەرىجە قىزىتىلغان ياغقا سېلىپ، ئالتۇن سېرىق رەڭگە كىرگەندە سۈزۈپ ئېلىپ تەخسىگە قويۇپ، ئۈستىگە سوققان كاۋاۋىچىن سېپىپ قويۇلىدۇ.