بەتتە پولۇ
ئۇيغۇر تائاملىرى
گۈرۈچ ئىككى كىلوگرام، زەنجىۋىل سۈيى ئازراق، گۆش 500 گرام، سوققان كاۋاۋىچىن بىر چىمدىم، ياغ 200 گرام، سامساق بىر تال، يېسىۋىلەك (بەسەي) 250 گرام، پۇرچاق ئۇنى 35 گرام، پىنتوزا 140 گرام، سوققان زەرچىۋە بىر چىمدىم، سۇڭپىياز 70 گرام، زىرە مۇۋاپىق، پەمىدۇر بىر تال.
1. گۈرۈچنى پاكىز تازىلاپ، ئىلمان سۇ بىلەن 4-3 قېتىم يۇيۇلىدۇ.
2. سەۋزىنى قەلەمچە، گۆشنى نېپىز، يالپاق، يىسىۋىلەك (بەسەينى) چاچتەك ئىنچىكە توغرىلىدۇ. پىنتوزا قىزىق سۇغا چىلاپ قويۇلىدۇ. سۇڭپىياز، پەمىدۇر (شوخلا) سامساقلار ئۇششاق توغرىلىدۇ.
3. قازانغا 140 ~ 105 گرام ياغ قۇيۇپ، 8-7 دەرىجە قىزىتىپ، ياخشى داغلىغاندىن كېيىن گۆشى شىلىۋېلىنغان سۆڭەكنى ياغقا سېلىپ رەڭگى قىزارغىچە قورۇلىدۇ. كېيىن سۆڭەكنى ئېلىۋېتىپ، پىيازنىڭ بىر قىسمىنى قازانغا سېلىپ سارغايتىپ، ئاندىن توغرالغان سەۋزىنى سېلىپ ئازراق تۇز سېپىپ ئارىلاشتۇرۇپ قورۇلىدۇ. سەۋزە قورۇلۇپ قىزغۇچ رەڭگە كىرگەندە، پولۇغا كېتىدىغان سۇنىڭ يېرىمىنى قۇيۇپ، ئۇنىڭغا زىرە، ئازراق زەرچىۋە سېلىپ، 10 ـ 15 مىنۇت قاينىتىلىدۇ. زىرۋەكنىڭ تۇز تەمىنى تەڭشەپ، گۈرۈچنى سېلىپ، گۈرۈچنىڭ ئۈستىدىن بىر سانتىمېتىر كۆتۈرۈلۈپ
تۇرغۇدەك قايناق سۇ قۇيۇپ، ئوتنى پەسەيتىپ، چوغنىڭ قىزىقىدا قازان تەكشى قاينىتىلىدۇ، ئاش قايناۋاتقاندا بىر نەچچە يېرىگە تاياق سانجىلىدۇ. گۈرۈچ سۇنى ئاساسەن سىڭدۈرۈپ بولغاندا، ئاش 15 ـ10 مىنۇت دەم يېدۇرۇلىدۇ.
4. توغرالغان گۆشكە چىلانغان پۇرچاق ئۇنى، تۇز سېلىپ ئارىلاشتۇرۇپ، قازاندىكى 7-6 دەرىجە قىزىقلىقتىكى ياغقا گۆشنى سېلىپ قىزارتىپ قورۇپ، ئاندىن سۇڭپىيازنى سېلىپ بىر - ئىككى ئېلىشتۇرۇپ ئۇششاق چانالغان پەمىدۇرنى سېلىپ قورۇپ ئارقىدىن يىسىۋىلەكنى (بەسەينى) سېلىپ سارغايغىچە قورۇلىدۇ. قورۇش جەريانىدا زەنجىۋىل سۈيى، كاۋاۋىچىن، مۇۋاپىق مىقداردا تۇز سېلىنىدۇ. ئاندىن ئازراق سۇ قۇيۇپ، يۇمشاتقان پىنتوزىنى، سامساقنى سېلىپ ئارىلاشتۇرۇلىدۇ. بۇ سەي لېگەنگە ئۇسۇلغان پولۇنىڭ ئۈستىگە سېلىنىدۇ. مانا بۇ بەتتە پولۇ دېيىلىدۇ.