تۇخۇم پىرەنىكى
ئۇيغۇر تائاملىرى
تۇخۇم ئۈچ دانە، چۈچۈتۈلگەن سۈزۈك ئاپتاپپەرەس يېغى، قېتىق 150 گرام، ئۇن 200 گرام، سودا بىر بال قوشۇق، خېمىر تۇرۇچ پاراشوكى يېرىم بال قوشۇق، مارگىرىن بىر ئاش قوشۇق، ياڭاق مېغىزى 100 گرام، يىرىك شېكەر بىر ئاش قوشۇق.
شەربىتى ئۈچۈن: شېكەر 500 گرام، سۇ 600 گرام، لىموننىڭ سۈيى يېرىم.
1. داسقا تۇخۇم چېقىلىپ كۆپتۈرۈلىدۇ، سۇياغ، قېتىق، خېمىرتۇرۇش پاراشوكى، سودا پاراشوكى بىراقلا سېلىنىپ ئوبدان ئارىلاشتۇرۇلىدۇ. ئاخىرىدا بىر يېرىم پىيالە ئۇن سېلىنىپ يۇغۇرۇلىدۇ. قېتىق چىڭ ئۇيۇمىغان بولسا ئۇن كۆپرەك سېلىنىدۇ.
2. تەييارلانغان خېمىردىن 20 ~ 30 گرام چامىسىدا (ياڭاق چوڭلۇقىدا) زۇۋۇلىلار تۇتۇلىدۇ. زۇۋۇلىلار ئىككى ئالىقان ئارىسىدا بوشراق بېسىلىپ، مارگىرىن بىلەن مايلانغان لېسقا شالاڭراق تىزىلىدۇ. ھەربىر تال پىرەنىكنىڭ ئوتتۇرىسىغا بىر تالدىن خاسىڭ مېغىزى پاتۇرۇلۇپ، دۇخوپكىدا ئاستى - ئۈستى قىزارغۇچە پىشۇرۇلىدۇ، ئاندىن سوۋۇتۇلىدۇ.
3. شېكەرگە سۇ قويۇلۇپ قاينىتىلىدۇ. قاينىغاندىن كېيىنلا لىمون سۈيى قوشۇلىدۇ. يەنە ئۈچ ~ تۆت مىنۇت قاينىغاندىن كېيىن ئوت
ئۆچۈرۈلىدۇ. تەييارلانغان بۇ شەربەت قىزىق ۋاقتىدىلا سوۋۇتۇلغان پىرەنىكلەرنىڭ ئۈستىگە تۆكۈلىدۇ، سوقۇپ قويۇلغان ياڭاق مېغىزى يۈزىگە سېپىلىدۇ. پىرەنىكلەر شەربەتنى ئېچىپ بولۇشى ئۈچۈن بىرەر سائەت ساقلاپ، تەخسىلەرگە ئېلىنىپ داستىخانغا كەلتۈرۈلىدۇ.