UyghurWiki
UyghurWikiئۇيغۇر تائاملىرىياغ مانتا

ياغ مانتا

ئۇيغۇر تائاملىرى ئۇن بىر كىلوگرام، كاۋاۋىچىن مۇۋاپىق مىقداردا، گۆش 500 گرام، تۇز مۇۋاپىق مىقداردا، دۈمبە ياغ 175 گرام، سۇ 500 گرام، تۇخۇم ئىككى دانە، خېمىرتۇرۇچ ئازراق، پىياز 500 گرام، سۇ يېغى 150 گرام. 1. ياغنى چوڭ - چوڭ، گۆش ۋە پىيازنى ئۇششاق توغراپ، تۇز، سوققان كاۋاۋىچىن بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ قىيما تەييارلىنىدۇ. 2. ئىلمان سۇغا خېمىرتۇرۇچ سېلىپ ئېزىپ، ئۇنغا تۇز ۋە تۇخۇم سېلىپ خېمىر يۇغۇرۇپ، خېمىر بولغاندا كىچىك زوۋۇلا ئۈزۈپ، قېلىنراق جىلىت ئېچىپ، ھەربىر جىلىتقا تەييار قىيمىدىن سېلىپ بولاق مانتا تۈگكەندەك تۈگۈلىدۇ. 3. تاۋا ياكى قازانغا ياغ قۇيۇپ قىزىتىپ، تۈگۈلگەن مانتىنى ياغدا قورۇپ، ئېلىپ قاسقانغا تىزىپ 25 ـ 20 مىنۇت پىشۇرۇلىدۇ. ئەگەر قاسقان بولمىسا، قازاندا دۈملەپ پىشۇرسىمۇ بولىدۇ. ياغ مانتىنى لېگەن ياكى تەخسىلەرگە ئېلىپ داستىخانغا كەلتۈرۈلگەندە، ھەربىر كىشىنىڭ ئالدىغا بىردىن كىچىك تەخسە ۋە ئاچچىقسۇ، لازىلار ئايرىم قويۇلىدۇ.
← بارلىق تېمىلار ئۇيغۇر تائاملىرى