قورۇما گۆش
ئۇيغۇر تائاملىرى
گۆش بىر كىلوگرام، تۇز مۇۋاپىق مىقداردا، قۇيرۇق ياغ 500 گرام
1 . يېڭى سويۇلغان قوي، ئۆچكە، موزاي، كالا ياكى كىيىك قاتارلىق ھايۋانلارنىڭ گۆشىنى 35 گرام چوڭلۇقتا سۆڭىكى بىلەن قوشۇپ پارچىلىنىدۇ.
2. قۇيرۇق ياغنى كىچىك چاقماق قەنتتەك توغراپ، قازاندا ئېرىتىپ، جىگىردەكلىرى ئېلىۋېتىلىدۇ، توغرالغان گۆشنى سېلىپ ئۈستىدىن تۇز سېپىپ رەڭگى قىزىرىپ، سۇ تەركىبى تۈگىگىچە قورۇپ ئېلىنىدۇ. سوۋۇغاندىن كېيىن سىرلانغان قاچىغا سېلىپ، ئۈستىدىن ياغنى قۇيۇپ، ھورى چىقىپ بولغاندا قاچىنىڭ ئاغزىنى يېپىپ قويۇلىدۇ. بۇنداق تەييارلانغان قورۇما گۆش ياز كۈنلىرىمۇ بىر نەچچە ئاي بۇزۇلماي تۇرىدۇ.
قورۇما گۆش سۇيۇق ياكى قويۇق تاماقلارغا سېلىپ ئىستېمال قىلىنىدۇ.