كۆك چۆچۈرىسى
ئۇيغۇر تائاملىرى
كۆك (يېڭى كۆكلەپ چىققان بېدە)
250 گرام، سۇ يېغى ئازراق، ئاق ئۇن 500 گرام، كاۋاۋىچىن ئازراق، قۇيرۇق ياغ 70 گرام، يۇمغاقسۈت مۇۋاپىق، تۇز مۇۋاپىق مىقداردا.
1. خېمىرى ئادەتتىكى چۆچۈرىنىڭكىدەك تەييارلىنىدۇ.
2. قۇيرۇق ياغنى قوناقتەك چوڭلۇقتا توغراپ، ئۇنىڭغا پاكىز يۇيۇپ ئۇششاق توغرالغان كۆكنى سۇ يېغى، تۇز، كاۋاۋىچىن بىلەن سېلىپ ئارىلاشتۇرۇپ قىيما قىلىمىز. قۇيرۇق ياغ بولمىسا، سۇ يېغى كۆپرەك ئىشلىتىلىدۇ.
3. تەييارلانغان جىلتقا كۆك قىيمىدىن سېلىپ چۆچۈرە تۈگۈپ، قازانغا سېلىپ 10 مىنۇتقىچە پىشۇرۇپ، تۇز قۇيۇپ تەمىنى تەڭشەپ، يۇمغاقسۈت سېلىپ قاچىلارغا ئۇسىلىدۇ.