بەقەسەم پولۇ
ئۇيغۇر تائاملىرى
گۈرۈچ بىر كىلوگرام، پىياز بىر تال، گۆش بىر كىلوگرام، تۇز مۇۋاپىق مىقداردا، ياغ بىر كىلوگرام (خورايدىغىنى 175 گرام)، دورا ـ دەرمەكلەر مۇۋاپىق، سەۋزە بىر كىلوگرام، پۇرچاق ئۇنى مۇۋاپىق، تېتىتقۇ (ۋېيجىڭ) ئازراق.
1. قوينىڭ لوق گۆشىنى ھەجىمى بىر سانتىمېتىر چوڭلۇقتا نېپىز يالپاقلاپ توغراپ، ئۇنىڭغا تۇز، سۇغا چىلىغان پۇرچاق ئۇنى، تېتىتقۇ سېلىپ ئارىلاشتۇرۇپ قويۇلىدۇ. سەۋزىنى قەلەمچە، پىياز يالپاق توغرىلىنىدۇ.
2. قازانغا ياغ قۇيۇپ، 7-6 دەرىجە قىزىتىپ، گۆشنى سېلىپ قورۇپ (گۆش بىر - بىرىگە چاپلاشماي پىشىشى لازىم)، قىزارغاندا سۈزۈپ ئېلىپ قويۇلىدۇ. گۈرۈچنى پاكىز يۇيۇلىدۇ.
3. ياغقا پىياز سېلىپ سارغايتىپ ئاندىن سەۋزىنى سېلىپ، تۇز، دورا - دەرمەكلەر بىلەن بىللە قورۇغاندىن كېيىن سۇ قۇيۇپ 25 ـ 20 مىنۇت سىم - سىم قاينىتىلىدۇ. ئاندىن قورۇلغان گۆشنى، گۈرۈچنى سېلىپ پىشۇرۇپ دەملىنىدۇ.
گۆشنى ئاش دەم يېگەندىن كېيىن ئارىلاشتۇرسىمۇ بولىدۇ.