UyghurWiki
UyghurWikiئۇيغۇر تائاملىرىقاپلىق كۇمۇلەك

قاپلىق كۇمۇلەك

ئۇيغۇر تائاملىرى قوي گۆشى 280 گرام، سامساق تۆت چىش، تۇخۇمنىڭ سېرىقى تۆت دانە، كاۋاۋىچىن ئازراق، پۇرچاق ئۇنى 105 گرام، جاڭيۇ ئازراق، پالەك ئىككى تال، سۇ يېغى 500 گرام (خورايدىغىنى 70 گرام)، سۇڭپىيازنىڭ ئېقى ئۈچ تال، ئاچچىقسۇ ئازراق. 1. گۆشنى ماشىنىدىن ئۆتكۈزۈپ، سۇڭپىياز سوققان كاۋاۋىچىن، تۇز، چىلىغان پۇرچاق ئۇنىنى ئارىلاشتۇرۇپ قىيما تەييارلىنىدۇ. سۇڭپىياز، سامساقلار يالپاق توغرىلىنىدۇ. تۇخۇمنى چېقىپ سېرىقىغا چىلىغان پۇرچاق ئۇنىنى ئارىلاشتۇرۇپ قويۇق تۇخۇم شىرىسى ياسىلىدۇ. 2. شورپىغا تېتىتقۇ، تۇز، چىلىغان پۇرچاق ئۇنىنى ئارىلاشتۇرۇپ تەڭشەلگەن شورپا تەييارلىنىدۇ. 3. قازانغا ياغ قۇيۇپ 4-3 دەرىجە قىزىتىپ، تەييارلاپ قويغان قىيمىدىن كىچىك كۇمۇلەك ياساپ، قويۇق تۇخۇم شىرىسىگە چىلاپ، ياغقا سېلىپ، چېچەكلەپ چىققىچە ياغدا پىشۇرۇلىدۇ. پىشقان كۇمۇلەكنى ئىككىنچى قېتىم يەنە 8-7 دەرىجە قىزىتىلغان ياغقا سېلىپ، رەڭگىنى تەكشى سارغايتىپ، سۈزۈپ ئېلىپ تەخسىگە قويۇلىدۇ. 4. قازانغا ئازراق ياغ قۇيۇپ، پالەك، سامساق، سۇڭپىيازلارنى سېلىپ قورۇپ، تەييارلانغان شورپىنى تۆكۈپ، شورپا قويۇلغاندا ئازلا ئاچچىقسۇ چېچىپ، تەخسىگە ئېلىنغان كۇمۇلەكنىڭ ئۈستىگە قويۇپ قويۇلىدۇ.
← بارلىق تېمىلار ئۇيغۇر تائاملىرى
قاپلىق كۇمۇلەك | UyghurWiki | UyghurWiki