UyghurWiki
UyghurWikiئۇيغۇر تائاملىرىداغلىما پۇرچاق ئۈندۈرمىسى

داغلىما پۇرچاق ئۈندۈرمىسى

ئۇيغۇر تائاملىرى كۆك ماش ئۈندۈرمىسى 100 گرام، تېتىتقۇ ئازىراق، كۆك، قىزىل لازا بىر تالدىن، تۇز مۇۋاپىق، سۇ يېغى 50 گرام، زەنجىۋىل ئازىراق، سوڭپىياز بىر تال، سامساق بىر باش، ئاچچىقسۇ ئازىراق. 1. كۆك ماش ئۈندۈرمىسى پاكىزە يۇيۇپ تازىلاپ، قايناقسۇغا بىسىۋېتىپ، سوغۇق سۇ بىلەن چايقاپ سۇۋۇتىلىدۇ. 2. كۆك، قىزىل لازىلارنىڭ ئۇرۇقىنى ئېلىۋېتىپ، پاكىزە يۇيۇپ ئىنچىكە توغراپ، ئۈندۈرمىلەر بىلەن ئارىلاشتۇرۇلىدۇ. 3. سوڭپىياز، سامساق، زەنجىۋىللەرنى يۇمشاق چاناپ ئۇنىڭغا تۇز، ئاچچىقسۇ تېتىتقۇ قوشۇپ تەكشى قوچۇپ، 8-7 دەرىجە قىزىقلىقتىكى ياغ بىلەن داغلاپ، تەخسىدىكى سەينىڭ ئۈستىگە سېپىلىدۇ.
← بارلىق تېمىلار ئۇيغۇر تائاملىرى