UyghurWiki
UyghurWikiئۇيغۇر تائاملىرىقورۇما كاۋاپ

قورۇما كاۋاپ

ئۇيغۇر تائاملىرى قوينىڭ لوق گۆشى 280 گرام، تۇز مۇۋاپىق مىقداردا، تۇخۇم بىر دانە، سوققان زىرە مۇۋاپىق، پۇرچاق ئۇنى ئازراق، پىياز ئىككى باش، سوققان لازا ئازراق، ئەبجەش ياغ 500 گرام (خورايدىغىنى 70 گرام). 1. قوينىڭ لوق گۆشىنى تەڭگىدەك چوڭلۇقتا نېپىز يالپاقلاپ توغرىلىنىدۇ. پىيازنى ئۇششاق چانىلىدۇ؛ توغرالغان گۆشكە چىلانغان پۇرچاق ئۇنىنى، تۇز، تۇخۇملارنى ئارىلاشتۇرۇلىدۇ. 2. قازانغا ياغ قۇيۇپ 6-7 دەرىجە قىزىتىپ، گۆشنى سېلىپ، بىر - بىرىگە چاپلاشتۇرماي ئالتۇن سېرىق رەڭدە داغلىغاندىن كېيىن سۈزۈپ ئېلىنىدۇ. 3. ياغ يۇقى قازاننى ئېسىپ پىياز، قىزىل لازا سېلىپ تېز - تېز قورۇپلا گۆشنى سېلىپ يەنە قورۇپ، ئاندىن زىرىنى سېپىپ ئىككى قېتىم ئۆرۈپلا تەخسە ياكى نانغا ئېلىنىدۇ.
← بارلىق تېمىلار ئۇيغۇر تائاملىرى