بېھى پولۇسى
ئۇيغۇر تائاملىرى
گۈرۈچ ئىككى كىلوگرام، سوققان زىرە ئازراق، گۆش 500 گرام، پىياز بىر تال، ئەبجەش ياغ 500 گرام، سوققان زەرچىۋە مۇۋاپىق، بېھى تۆتتىن، ئالتىگىچە، تۇز مۇۋاپىق مىقداردا، سەۋزە بىر كىلوگرام.
1. بېھى پولۇسىنى ئېتىش ئۇسۇلى <گۆشلۈك پولۇ>نى ئېتىش ئۇسۇلى بىلەن ئوخشاش.
2. پولۇنى دەملەشتىن ئاۋۋال، بېھىلەرنى ياخشى سۈرتۈپ، تۈكلىرىنى تازىلاپ، ھەربىرىنى ئىككىگە بۆلۈپ، ئۇرۇقلىرى ئېلىۋېتىلىدۇ.
3. پولۇنى دەملەشتە تەييارلانغان بېھىلەر گۈرۈچنىڭ ئۈستىگە دۈم قويۇلىدۇ.
4. دەم يېگەندىن كېيىن، بېھى بىلەن گۆش ئايرىم ئېلىۋېلىنىدۇ. ئاندىن توغراپ ئاشنىڭ ئۈستىگە بېسىلىدۇ.