UyghurWiki
UyghurWikiئۇيغۇر تائاملىرىپاقلان گۆشى شورپىسى

پاقلان گۆشى شورپىسى

ئۇيغۇر تائاملىرى ئالتە كىلوگراملىق پاقلان بىر دانە، قارىمۇچ ئازراق، سۇڭپىياز ئازراق، زەرچىۋە ئازراق، تۇز مۇۋاپىق، زەنجىۋىل ئازراق، ئاچچىقسۇ ئازراق، پەمىدۇر بىر تال. 1. ئۆلتۈرۈپ تېرىسى سويۇلۇپ، ئىچكى ئەزالىرى ئېلىۋېتىلگەن پاقلان گۆشىنى پاكىزە يۇيۇپ، ئاچچىقسۇ، تۇز سېپىپ بىر سائەت قويۇپ قويۇلىدۇ. 2. گۆشنى پۈتۈن ياكى پۇت - قوللىرىنى، قوۋۇرغىلىرىنى ئايرىم - ئايرىم پارچىلاپ، ئىسسىق سۇ بىلەن يۇغاندىن كېيىن، قازانغا سېلىپ، چىلاشقۇدەك ئىسسىق سۇ قۇيۇپ قاينىتىپ، كۆپۈكلىرىنى تولۇق ئېلىۋېتىپ، شورپىغا سۇڭپىياز، زەنجىۋىل، زەرچىۋە، سوققان قارىمۇچ، پەمىدۇر، تۇز سېلىپ بىر يېرىم سائەت سىم - سىم قاينىتىپ پىشۇرۇلىدۇ. 3. پىشقان پاقلان گۆشى پۈتۈن سېلىنغان بولسا، چوڭ پارچىلانغان بولسا، بىر سەرلىكتىن پارچىلاپ ئۈستىگە تۇز سۈيى سېپىپ ياكى تۇز، قارىمۇچنى ئايرىم كىچىك تەخسىدە پاقلان گۆشى بىلەن داستىخانغا كەلتۈرۈلىدۇ. شورپىسىنى تەڭشەپ ئايرىم كەلتۈرۈلىدۇ.
← بارلىق تېمىلار ئۇيغۇر تائاملىرى
پاقلان گۆشى شورپىسى | UyghurWiki | UyghurWiki