UyghurWiki
UyghurWikiئۇيغۇر تائاملىرىقوناق - تۇخۇم ئۇيۇتمىسى

قوناق - تۇخۇم ئۇيۇتمىسى

ئۇيغۇر تائاملىرى كۆممىقوناق يارمىسى 500 گرام (كونسېرۋاسى)، تۇخۇم ئۈچ دانە، تۇز مۇۋاپىق، شېكەر ئازراق، كراخمال مۇۋاپىق، كۈنجۈت يېغى ئازراق، تېتىتقۇ ئازراق. 1. تۇخۇمنى قاچىغا چېقىپ، ئارىلاشتۇرۇپ كۆپتۈرۈلىدۇ. 2. ساپلىققا قايناق سۇ ياكى شورپا قۇيۇپ قاينىتىپ، كۆممىقوناق كونسېرۋاسىنى تۆكۈپ پىشقىچە قاينىتىپ، تۇز، شېكەر سېلىپ تەمىنى تەڭشەپ، قوناق يارمىسى پىشقاندا ئازراق كراخمال تېمىتىپ، شورپىنى قويۇقلىتىپ ئۈستىگە قۇيۇپ، تەييارلانغان تۇخۇمنى چۆمۈچ بىلەن چېچىپ، تۇخۇم ياپراق ـ ياپراقچە بولۇپ لەيلەپ چىققاندا كۆپۈكچىلەرنى ئېلىۋېتىپ، ئازراق كۈنجۈت يېغى ئۈستىلىگە ئازلا تېتىتقۇ سېلىپ تەمىنى ياخشى تەڭشەپ، شورپا قاچىسىغا ئۇسۇپ زىياپەتكە چىقىرىلىدۇ.
← بارلىق تېمىلار ئۇيغۇر تائاملىرى